7/03/2009

ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى

ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى (1)

    يوللىغۇچى: AdilSadir  كۆرۈلىشى: 772  يوللىغان ۋاقىت: 2009/6/16 00:05  «چوڭ نورمال كىچىك»

كىرىش سۆز



Email يەنى ئېلخەت، ئىنگلىزچە Electronic mail نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ، نۆۋەتتە Internet دىكى ئەڭ ئاۋات مۇلازىمەتلەرنىڭ بىرسى. ئېلخەت ئەنئەنىۋى خەتنىڭ ئورنىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىن بىزگە قولايلىق ئېلىپ كەلمەكتە.




بىز ئېلخەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئەۋەتكەن ياكى ساقلىغان ئۇچۇرلار ئوخشاش بولمىغان تور مۇلازىمەتلىرى نوقتىلىرىدىن ئۆتىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىخەتەر، بەزىلىرى بىخەتەر ئەمەس؛ بەزىلىرى نازارەت قىلىنىدۇ، بەزىلىرى ئۇنداق ئەمەس؛ مۇشۇنداق تور نوقتىلىرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا ھەر بىر نوقتىدا ئۇچۇرلار ئاشۇ نوقتىدا كۆچۈرۈلۈپ ئېلىندۇ. ئاشۇ تور نوقتىلىرىنىڭ خالىغان بىرسى سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا قادىر بولىدۇ. بەزى ئېلخەت تەمىلىنگۈچى شىركەتلەر يوللانغان ۋە قوبۇل قىلىنغان ئېلخەتكە تور ئارا يولدا مەخپىلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بەزىلىرى ئۇنداق قىلماسلىغى مۇمكىن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، نۆۋەتتىكى بارلىق ئېلخەت مەزمۇنىنى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئوقۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بەك يۇقۇرى.




ئېلخەت تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى. ئۆز-ئارا خەت ئالاقىسى، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن بىز ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ باقمىدۇق. بەلكىم بۇ ئۇچۇرلار بەك مۇھىم بولماسىلىغى، باشقىلار ئوقۇۋالسىمۇ كارايىتى چاغلىق بولۇشى مۇمكىن؛ بەلكىم بۇ ئۇچۇلاردا ناھايىتى قىممەتلىق شەخسى ئۇچۇرلار بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بەلكىم بەزىلىرى ھايات-ماماتلىق ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆز ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارىشىمىز مېنى ھەيران قالدۇردى. شۇ سەۋەبلىك، مەنمۇ شۇ سەۋەنلىكنى سادىر قىلىۋاتقانلار ئىچىدە بولغاچقا، دوستلارنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە توردىن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەش ئارقىلىق ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا ئائىت قىسمەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم ۋە قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقىسىدىدە بۇ تېمىى يېزىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇ تېما ئارقىلىق مەخپىلەشتۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن باشقا مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە ھۆججەت، ھۆججەت توپلىمى، قاتتىق دىسكا رايونى، قاتتىق دىسكا ۋە باشقا كومپيۇتېر ساقلىغۇچلىرىنى مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرۇش نىيىتىم بار، ئاللا خالىسا ئۇلارنىمۇ ئېلان قىلماقچى. بۇ جەھەتتە تەجىربىلىك تورداشلارنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:

PGP - Pretty Good Privecy - نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى



Public Key - ئاممىۋى كودى. ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈشتا ئىشلىتىدىغان، ھەر بىر ئادەمگە خاس بولغان، باشقىلارغا ئاشكارىلاشقا بولىدىغان بىر بۆلەك كود
Private Key - شەخسىي كودى. ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈشتا ئىشلىتىدىغان، ھەر بىر ئادەمگە خاس بولغان، باشقىلارغا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بىر بۆلەك كود
Passphrase - ئىبارە پارول. رەقەم ۋە ھەرپلەردىن تەركىپ تاپقان، تەركىۋى جۈملە ياكى ئىبارە بولغان پارول. 
Encrypt - مەخپىلەشتۈرۈش
Decrypt - مەخپىلەشتۈرۈشنى يىشىش


مۇناسىۋەتلىك قورال:

Open GPG4Win 
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://ftp.gpg4win.org/gpg4win-1.1.4.exe

مەخپىلەشتۈرۈش پرىنسىپى ھەققىدە



PGP تېخنىكىسى نۆۋەتتىكى ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنى 1991‏-يىلى Philip Zimmermann دېگەن كىشى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ تېخنكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلىغى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش بەلگىلىمىسى» گە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى ئەيىپلىنىپ، 3 يىلغان سوزۇلغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، جىنايىتى يوق بولۇپ ئاخىرلاشقان.




تور بېكىتى:
http://www.philzimmermann.com
WikiPedia:
http://en.wikipedia.org/wiki/Philip_Zimmermann



PGP ئارقىلىق مەخپىلەشتۈرۈشتە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئاممىۋى كودى ۋە شەخسىي كودى بولىدۇ. ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئېلخەت ئادرېسىنى تەمىنلىسە بۇ ئىككى كودقا ھەقسىز ئېرىشىشىكە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئېلخەت ئادرېسى، ئاممىۋى كودى ۋە شەخسي كودى بىر بىرلىك بولۇپ، بىردىنبىر بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي كودىنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاممىۋى كودىدىن پايدىلىنىپ ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرىمىز. ئاندىن قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كودى ئارقىلىق بىزنىڭ ئاممىۋى كودىمىزنى ئىشلىتىپ، ئىبارە پارولىنى كىرگۈزۈپ مەخپىلەشتۈرۈلگەن خەتنى يېشىىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مەخپىلەشتۈرۈلگەن خەتنى مەيلى ئېلخەت تەمىنلىگۈچى شىركەت بولسۇن، ياكى تور نازارەت قىلىش ئورۇنلىرى بولسۇن يېشەلمەيدۇ. پەقەت يۇقۇردىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرەلىسلا ئاندىن كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. 

مىسال:
ئادىل سادىرغا ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈپ يوللىماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن سادىر ئادىلغا ئۆزىنىڭ ئاممىۋى كودىنى تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئادىل ئۆزىنىڭ شەخسىي كودىنى ئىشلىتىپ، سادىر تەمىنلىگەن ئاممىۋى كود بىلەن ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈپ سادىرغا ئەۋەتتى. سادىر تاپشۇرۇپ ئالغان خەت مەزمۇنى قالايمىقان بىر بۆلەك كود بولۇپ ئۇنى ئوقۇيالمىدى. 
سادىر بۇ خەتنى ئوقۇشى ئۈچۈن ئادىلنىڭ ئاممىۋى كودىنى بىلىشى كېرەك. ئادىلنىڭ ئاممىۋى كودىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شەخسىي كودىنى ئىشلىتىپ، ئىبارە پارولىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئادىل تەمىنلىگەن ئاممىۋى كودى بىلەن خەتنى يېشىپ ئوقۇيالىدى.

دېمەك، خەتنى يوللىغۇچى ۋە تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ ئاممىۋى كودىنى بىلىشى كېرەك. ئاممىۋى كود ئاشكارا بولسا بولىدۇ، ئاممىۋى كود بولمىسا قارشى تەرەپكە خەتنىڭ مەخپىيەتلىكى يۇقۇرى بولمايدۇ. شەخسي كودنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. شەخسىي كودنى بىر ھۆججەت قىلىپ ساقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۇزۇن پارول سېلىپ، پىرىسلاپ مەخپى ئورۇنغا ساقلاپ قويۇش كېرەك.

مەخپىلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئېنىق چۈشەنچە بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقۇرىدا تەپسلى بايان قىلىندى، ئەمدى كونكىرىت قەدەم باسقۇچلار سۆزلىنىدۇ:

1‏-باسقۇچ: كېرەكلىك يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش

PGP تېخنىكىسىدا كېرەك بولۇدىغان ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلىدىغان، تەمىنلەيدىغان قوراللار كۆپ بولۇپ، بۇ تېمىدا Gpg4win دېگەن قورال تونۇشتۇرلىدۇ. بېكەت ئادرېسى: http://www.gpg4win.org/
بۇ قورالدىن باشقا قوراللار ئارقىلىقمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى قايسىسى بولسۇن، ھەممىسىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
مۇشۇ تېمىنىڭ باش قىسمىدا تەمىنلەنگەن ئۇلانما ياكى http://ftp.gpg4win.org/gpg4win-1.1.4.exe نى بېسىپ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. قاچىلاش داۋامىدا Windows دا جەزىملەشكە مۇناسىۋەتلىك دىئالوگ رامكىسى چىقىشى مۇمكىن. بۇلارغا سەل قاراپ، كېرەك يوق، قوللايمەن، دېگەن شەكىلدە ئۆتۈپ كېتىمىز. قاچىلاشقا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، تاماملانغىچە سەۋر قىلىش كېرەك.

2‏-باسقۇچ: ئاممىۋى ۋە شەخسي كود ھاسىل قىلىش

يۇمشاق دېتال قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستەل ئۈستىدىكى GPA دېگەن سىنبەلگىنى ياكى باشلاش»پروگرامما»GnuPG For Windows دىن GPA نى ئىجرا قىلىمىز.




ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز:




بۇ كۆزنەكتىكى «Generate key now» دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز، ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىمىز:




ئىسىم-فامىلە كىرگۈزىمىز




ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز




تەركىۋىدە رەقەم ۋە ھەرپلەر بولغان جۈملە ياكى ئىبارەنى پارول قىلىپ كىرگۈزىمىز، مەسىلەن: بۇ يىل 2009-يىل
ئەگەر Quality نىڭ قىممىتى 100 پېرسەنت بولسا بىخەتەر پارول ھېسابلىنىدۇ.




شۇنىڭ بىلەن ھاسىل قىلىش تاماملىنىدۇ.

باشقىلارغا تەمىنلەيدىغان ئاممىۋى كودنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ ھۆججەت قىلىپ چىقىرۋالساق بولىدۇ:
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىمىز بار ئورۇندا مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىىسنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكىتىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:







شۇنىڭ بىلەن ئۈستەل ئۈستىدە ئاممىۋى كود ساقلانغان بىر ھۆججەت پەيدا بولىدۇ.


ئاممىۋى، شەخسي كود ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرنى ساقلىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بولىدۇ:




ئاممىۋى كودنى چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە ھۆججەت قىلىپ ساقلىۋالىمىز. بۇ ھۆججەت ئېلخەتنى مەخپىلەشتۈرۈش ۋە يېشىشتە ئىشلىتىلىدۇ.


3‏-باسقۇچ: ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈش

1‏-قارشى تەرەپ ئاممىۋى كودىنى كىرگۈزۈش
مۇشۇ تېمىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بايان قىلغاندەك، قارشى تەرەپكە مەخپى ئېلخەت ئەۋەتىش ئۈچۈن ئاۋال شۇ تەرەپنىڭ ئاممىۋى كودى بولۇشى كېرەك. يالغۇز كود بولسىمۇ ياكى ئاشۇ كودنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ھۆججەت بولسا ئۇنى ئادەتتىكى تېكىست تەھرىرلەش قوراللىرى بىلەن ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى asc بولىدۇ، txt بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر كودىنىلا بىلسەك، قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، تېكىست تەھرىرلەش قوراللىرى ئارقىلىق txt ياكى asc ھۆججىتى قىلىپ ساقلىۋالساق بولىدۇ. 

مەلۇم بىر شەخسىنىڭ ئاممىۋى كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھۆججەت نامى xxx-public-key.asc بولغان بىر ھۆججەت ئۈستەل ئۈستىدە بار دەپ پەرەز قىلايلى، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئۇنى PGP ئۇچۇرى باشقۇرۇش قورالىغا كىرگۈزىمىز:

GPA قورالىنى ئىجرا قىلىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:







شۇنىڭ بىلەن كىرگۈزۈش تامام

2‏-ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈش
ئۈستەل ئۈستىدىكى WinPT دېگەن سىنبەلگىنى ياكى باشلاش»پروگرامما»GnuPG For Windows دىن WinPT نى ئىجرا قىلىمىز.




پروگرامما ئىجرا بولغاندىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتە ئۆزىمىزنىڭ شەخسى كودى ئۇچۇرى ۋە ئاممىۋى كودى كىرگۈزۈلگەن شەخىسلەر ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەزىپە سىتونىدا يەنى كومپيۇتېر ۋاقتى كۆرۈنىدىغان ئورۇندا ئاچقۇچ بەلگىلىك بىر سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.




مەخپىلەشتۈرمەكچى بولغان ئېلخەت مەزمۇنىنى ئىچكى ساقلىغۇچقا كۆچۈرۈپ ئالىمىز، يەنى ئېلخەت مەزمۇنىنى تاللىغاندىن كېيىن Ctrl+C نى باسىمىز. 
ئاندىن كېيىن ۋەزىپە سىتونىدىكى ئاچقۇچ سىنبەلگىنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تۈرنى تاللايمىز:




شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي كودى، باشقىلارنىڭ ئاممىۋى كودى ۋە باشقا ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.




بۇ كۆزنەكتىن بىز ئېلخەت ئەۋەتمەكچى بولغان شەخسنىڭ User ID سىنى تاللاپ قويۇمىز. ئۆزىمىزنى تاللاپ سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ. تاللاپ بولۇپ OK نى باسساق، ئېلخەت مەزمۇنىنى مەخپىلەشتۈرۈپ ئۇنى ئىچكى ساقلىغۇچقا يوللايدۇ. مەخپىلەشتۈرۈلگەن خەت مەزمۇنىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئېلخەت مەزمۇنىنى يازىدىغان ئورۇنغا بېرىپ، Ctrl+V نى باسساق، بىر بۆلەك كود چاپلىنىدۇ، بۇ بىر بۆلەك كود بىز ئەۋەتمەكچى بولغان ئېلخەت مەزمۇنىدۇر. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:




شۇنىڭ بىلەن نورمال ئېلخەت ئەۋەتكەنگە ئوخشاش ئېلخەتنى يوللاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارساق، قارشى تەرەپكە مەزمۇنى مەخپىلەشتۈرۈلگەن ئېلخەت يوللىنىدۇ.

3‏-مەخپىلەشتۈرۈلگەن ئېلخەت مەزمۇنىنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى ئۇسۇل بويىچە، ئېلخەتنى xxx غا ئەۋەتتۇق، دەپ پەرەز قىلايلى. xxx بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئەۋەتكۈچىنىڭ ئاممىۋى كودىنى بىلىشى كېرەك ھەم كومپيۇتېرىغا PGP قورالى قاچىلانغان بولۇشى ھەم ئۆزىنىڭ شەخسىي كودى بار ئۇچۇرنى PGP قورالىغا كىرگۈزگەن بولۇشى كېرەك. 

مۇشۇ تېمىدا مىسال قىلىنغان قورال Gpg4win دېگەن قورالنى قاچىلىدى، دەپ پەرەز قىلايلى. xxx ئاۋال ئۆزىنىڭ شەخسي كودى ئۇچۇرى بار ھۆججەتنى مۇشۇ قورالغا كىرگۈزۈش كېرەك. تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بولىدۇ:







ئىلگىرى ساقلىۋېنىلغان شەخسي ئۇچۇرى بار ھۆججەتنى ۋە xxx غا ئېلخەت ئەۋەتكەن شەخسنىڭ ئاممىۋى كودى بار ھۆججەتنى يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى كودنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بويىچە كىرگۈزىمىز.

ئاندىن يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇل بويىچە WinPT نى ئىجرا قىلىمىز، يەنى ئۈستەل ئۈستىدىكى WinPT دېگەن سىنبەلگىنى ياكى باشلاش»پروگرامما»GnuPG For Windows دىن WinPT نى ئىجرا قىلىمىز. 
تاپشۇرۇپ ئالغان ئېلخەتتىكى مەخپىلەشتۈرۈلگەن خەت مەزمۇنىنى Ctrl+C نى بېسىپ كۆچۈرۈپ ئالىمىز. ئاندىن كېيىن ۋەزىپە سىتونىدىكى ئاچقۇچ بەلگىسىنىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:




چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:




ئىبارە پارولنى كىرگۈزۈپ OK نى باسساق، مەخپىلەشتۈرۈلگەن ئېلخەت مەزمۇنىنى يېشىپ ئۇنى ئىچكى ساقلىغۇچقا يوللايدۇ. يىشىلگەن خەت مەزمۇنىنى ئىچكى ساقلىغۇچتىن چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئېلخەت مەزمۇنىنى يازىدىغان ئورۇنغا بېرىپ ياكى مەلۇم تېكىست تەھرىرلىگۈچنى ئېچىپ، Ctrl+V نى باسساق يېشىلگەن ئېلخەت مەزمۇنى كۆرىنىدۇ.


دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. شەخسي كودنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتنى پارول سېلىپ پىرىسلىغاندىن كېيىن ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن مەخپىلەشتۈرگەندىن كېيىن مەخپى ئورۇنغا قويۇپ ساقلاش كېرەك.
2. ئۆزىنىڭ شەخسي ئۇچۇرى بىلەن ئېلخەت مەخپىلەشتۈرۈش ياكى يېشىش ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، مەخپىيەتلىك ئۈچۈن GPA قورالىدىكى تىزىملىكتىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان قوراللاردىن ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۋېتىش كېرەك. ئۇسۇلى مۇنداق:




3. مەن شەخسەن Unicode نى قوللىمايدىغانلىغىنى بايقىدىم. شۇڭا كونا يېزىقتىكى ئېلخەتنى مەخپىلەشتۈرگىلى بولمايدىكەن. مەخپىلەشتۈرۈلگەن خەتنى يەشكەندىن كېيىن سۇئال بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالدىكەن. شۇڭا ھازىرچە لاتىنچە يېزىپ ياكى كونا يېزىقتىكى خەتنى لاتىنچىغا ئايلاندۇرۇپ مەخپىلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. لاتىنچىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتتىن پايدىلىنىڭ:
http://www.yulghun.com/imla/convert.html
كونا يېزىقتا يېزىلغان خەتنى كۆچۈرۈپ «مەنبە تېكىست» غا چاپلىغاندىن كېيىن، «مەنبە» نى يۇنىكود «نىشان» نى لاتىنچىغا توغرىلاپ ئايلاندۇرۇش ئېلىپ بارساق، ئاندىن يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە كەينىگە ياندۇرساق بولىدۇ.
4. ئەگەر يۇقۇرىدىكى بايانلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولسا، كۆرسىتىپ بېرىشىڭىلارنى، ئېنىق بولمىغان تەرەپلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
5. بۇ تېما مەخپىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، يەنە داۋاملىق باشقا تېخنكىلار تونۇشتۇرلىدۇ ھەم تولۇقلىما يېزىلىدۇ.
6. بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان كىشى ئىسىملىرىنىڭ ۋە AdilSadir دېگەن ئىسىمنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت مىسال ئۈچۈن قوللىنىلدى.
5. بۇ تېما بىلىك كۇلۇبىغا مەنسۇپ، كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇناسىۋەتلىك مەنبە تېمىلار:
http://en.wikipedia.org/wiki/Pretty_Good_Privacy
http://www.philzimmermann.com
http://www.gpg4win.org/
http://www.instructables.com/id/Encrypt-your-Gmail-Email/
http://lifehacker.com/software/t ... ur-email-180878.php

يوللانغان ئىنكاسلارجەمئىي ئىنكاس: 14 | «بىلىك كۇلۇبىدا كۆرۈش»    «بىلىك كۇلۇبىدا ئىنكاس يوللاش»
ئىنكاس قايتۇرغۇچى: Jewlaniy    ئىنكاس ۋاقتى: 2009/6/16 23:26
11-ئىنكاس


  نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: FinalFantasy ، ۋاقتى: 2009-6-16 23:36 

تۇرۇپلا مۇشۇنداق قالتىس ئېسىل يازمىدىن بىرى چۈشىدۇ-دە، بىلىككە... 
ساھىپخاننىڭ ئەجرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

بۇ بىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. مانا بۇ ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش بولىدۇدە. 
مۇشۇنداق بىلىكنى زىيارەت قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزلىكىدىن ئىلھامغا كىلىدىغانلار چىقىپ تۇرغىنى ياخشى.
AdilSadir ئەپەندىگە تەشەككۈر.
ئىنكاس قايتۇرغۇچى: oghri    ئىنكاس ۋاقتى: 2009/6/17 08:38
12-ئىنكاس
ناھايىتى ئېسىل يازما   

قوللاش يۈزسىدىن pdf شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇم. چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://sythca.blu.livefilestore.com/y1pZkxVKEdKzziUo4_8K1wB5GTcgHjv6HuDYSq4uNmsDGwbtYtAJwISJw212XQbA5lapTMSHUIgh4PaBCQ8B1fQgzOPos12Scti/PDFmehpyleshturushUyghurche.pdf?download
ئىنكاس قايتۇرغۇچى: oghri    ئىنكاس ۋاقتى: 2009/6/17 08:51
13-ئىنكاس
ئالدىراقسانلىق سەۋەبىدىن pdf ھۆججىتىنىڭ ئىسمى PDFmehpyleshturushUyghurche.pdf بولۇپ قاپتۇ. ھۆججەت باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن كومپيۇتىردا مۇۋاپىق ئىسىمغا ئالماشتۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.يوللاپ بولغان ھۆججەتىنى ئۆزگەرتىشكە ھورۇنلۇق قىلدىم ...
ئىنكاس قايتۇرغۇچى: geek    ئىنكاس ۋاقتى: 2009/6/17 09:28
14-ئىنكاس
مۇكەممەلچىلىك پىسخىسىكى قانداق ئۇنى بىلمىدىم، ئەمما كومپيوتېر بېخەتەرلىكى، قوغدىلىدىغان نەرسىنىڭ قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا بۇنداق ئېھتىماللىقنى بوش چاغلاش سەھۋەنلىك ھېسابلىنىدۇ . ئۆتكەندە md5 نى جۇڭگۇلۇق بىر ئالىم نەتىجىسى تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى (نەچچە مىليوندا بىرەر) ئىسپاتلىغاندىن كېيىن نۇرغۇن كومپيوتېر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ئىشلىتىشنى توختاتقان . security is Security, not luxury
رەسىمگە بىر ئاز ئۇچۇر يۇشۇرۇش مۇمكىن، بۇنىڭ ئىسمى stenography ، ئاسان ئەمما ئىشەنچىلىكلىكى يۇقۇرى ئەمەس. 
مۇشۇ ساھەدە كىتابلىرىنى ئوقۇپ قويۇشقا ئەڭ تېگىشلىك bruce schneier (www.schneier.com/)، ئۇنىڭ 
Beyond fear, 
Secrets and lies, 
Applied Cryptoghraphy , 
Practical Cryptoghraphy 
ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابلاردۇر، ئاخىرقىسىدىن باشقىلىرىنى توردىن ئېلىكترونلۇق نۇسقىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ .
فانتازىيەدىن dan brown نىڭ Digital Fortress 

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: geek ، ۋاقتى: 2009-6-17 03:44 ]
ئىنكاس يوللاش

كۇلۇبتىكى ئىسمىڭىز: پارول: دەلىل كودى:  

بۈگۈنكى يازما
يېڭى ئەزا
جەمئىي يازما
جەمئىي ئەزا
ھەپتلىك ئەزا
ئايلىق ئەزا
يازمىلىق ئەزا
ئومۇمى ئېقىم
جەمئىي زىيارەت

© 2009 Bilik-必力科  بىلىك ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
DP 6.0.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى، بىلىك تور بېكىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى