6/03/2008

time

بىرىنچى مەخپىيەت: سىزگە ئەڭ زور چەكتە ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشنى قىلىڭ.

مەن قىرائەتخانامغا :" ھەر مىنۇت، ھەر سىكونتتا ئەڭ ئۈنۈمى بار ئىشنى قىل" دىگەن ئەسكەرتمىنى چاپلاپ قويغاندىن كېيىن، مېنىڭ ۋاقىتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمدا بەلگىلىك ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا، مۇشۇنىڭ تەسىرىدە مەن 27 ياش چېغىمدا مىليادىر بولالىدىم. شۇڭا سىزمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەر مىنۇت، ھەر سىكونت ئىچىدە سىزگە ئەڭ زور ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشنى قىلىڭ.

ئىككىنچى مەخپىيەت: ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.

پۇل خەجلەپ بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسىنى سېتىۋېلىش مېنىڭچە ئەڭ ئۈنۈملۈك، تېز ۋە ئاقىلانە ئۇسۇل.

ئۈچىنچى مەخپىيەت: ۋاقتىڭىزنى سىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان ئىشقا سەرپ قىلىڭكى، جىددىي دەپ قارىغان ئىشلار ۋاقتىڭىزنى ئىگىلۋالمىسۇن.

بىز ھەر قېتىم ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئاتالمىش جىددىي ئىش، موھىم ئىش دىگەن گەپلەرنى تىلغا ئېلىپ كەلدۇق، زادى ئالدى بىلەن قايسى ئىشنى قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە، بىز قىلماقچى بولغان ئىش جىددىي، شۇنداقلا موھىم ئىش بولۇشى كېرەك. ھەر كۈنى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان جىددىي ئىشلارنىلا قىلىشىڭىز، سىزنىڭ ۋاقىتنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتچىلەر ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلىدۇ، ئەمما جىددىي ئىشلارنى ئەمەس، مانا بۇ ئاتالمىش ئۈنۈملۈك ئىشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر جىددىي، ئەمما موھىم بولمىغان ئىشنى قىلىدۇ. سىز چوقۇم قانداق قىلىپ ئەڭ موھىم ئىشنى ئەڭ جىددىي ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، ۋاقتىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سەرپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.

تۆتىنچى مەخپىيەت: ئەڭ سەرخىللاردىن ئۆگىنىڭ.

ھەر قانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە شۇنداق بولالىغان. سىز كىم بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز شۇ كىشىنىڭ تەپەككۈرىغا، ھەرىكىتىگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا چوقۇم، چوقۇم، چوقۇم سىز ئالاقە قىلدىغان ئوبيىكتنى ياخشى تاللاڭ، شۇنداق قىلغاندىلا سىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز.

مۇبادا سىز بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتسىڭىز، ئۇ كىشى شۇ مۇۋەپپەقىيتىگە يېتىش ئۈچۈن 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسا، سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 10 ئادەم بىلەن ھەمكارلىشالىسىڭىز، ئويلاپ بېقىڭ، قانچىلىك كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولالايسىز؟ مۇشۇنى ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش دىمەي، يەنە نېمىنى دىمەكچى............

مۇبادا، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ مەخپىيتىنى بىلىۋالسىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايسىز. ئاخىرىدا سىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، سىز ھەقىقىي قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلالايسىز. بۇ بەخت ئەلۋەتتە سىزنىڭ ھەر بىر ئۇسۇلنى چىن ئەمەلىيتىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدىن كەلگەن.

خۇلاسە كالام: بۈگۈندىن باشلاپ ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالايدىغان "مۇتەخەسسىس" بولۇڭ.

No comments: