5/19/2008

uighur

ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

مەن بۇ تېمىنى ئەڭ دەسلەپ شەبنەمگە يوللىغانىدىم. بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ
كەلدىم. بۇ مېنىڭ تېما تەكرارلىقى پەيدا قىلغىنىم ئەمەس. تېمىنىڭ
خارەكتېرى ئوخشىمىغانلىقتىن بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ كەلدىم. ئەيپكە
بۇيرىمىغايسىلەر.
ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا
يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
دېگەن شېئېر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزۇقچىلىق قوشۇلدى.
قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز
ئوبدان بىلىمىز.
قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى
ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ
ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ.
خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن
ئوپىراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە
شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى: ئۆلدۇق دەپ
بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا
ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ
قۇدرەتلىك دورىدۇر.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە
ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولىشى
مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل
قىلىشىمىز كېرەك.
(بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەركەت
ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋال
ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن
ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ،
ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەركەتكە تۇتۇنىشىمىز كېرەك.)
ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جەمىئەتتىكى جىددىي
مەسىلىگە جىددىي پوزىتسىيەدە بولىشىمىز كېرەك.
بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ
سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
جىددىي پوزىتسىيەدە بولۇپ قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز.
ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى
قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن: مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى
تورداشلارغا سۇنىشىممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ
تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋىسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك
ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل
قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم ئەمدى ئالتە دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە
شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ
دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى:
جىسمانىي دورا
بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يىيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى
ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر
ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ
قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم
تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ
بۇيرىسا ئېرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك
تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ
جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىسىڭىز
ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش
تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك
دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز
بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز
بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يىتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۇلارغا
تەسىر قىلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق
بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە
مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان
دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلىغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز
ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنسىز.
3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمۈد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا
بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمۈد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە
قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ
قالىدۇ.
«ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ
قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە
بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۈپ بولغان.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
4. قاتتىق تىرىشىش :
پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق
بانا سەۋەپنىڭ كۆتىگە تىپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر
بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر
چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى
چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئىزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ
قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
5. ئۆز-ئارا يىتەكلەش :
مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى،
تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يىتەكلەش ۋە ئۇلارنى
ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
بىزنىڭ جەمىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي
قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام»
كىشى ھېساپلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىشىمىز
كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا
بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ
ئارقىدىكىلەرنى يىتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور
يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

يۇقىرقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى
قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى
بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس
ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن
ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمۈد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ
مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق
بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى
كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش.
ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەركىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش
ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمۈدۈم ھەممىمىز ئىشنى
ئۆزىمىزدىن باشلايلى !

No comments: