6/10/2008

ياش ئوغۇل -قىز دوسلىرىمىزنى، ھالاكەتتىىن قۇتۇلدۇرۋالايلى

6-11
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ياش  ئوغۇل -قىز  دوسلىرىمىزنى، ھالاكەتتىىن قۇتۇلدۇرۋالايلى !

0
قىممەتلىك  ياش  ئوغۇل-قىز دوسلىرىمىز  ! q53Ml:Wh  
4Bs   
پۈتۈن ئالەمنى يوقتىن بار قىلغۇچى ،چەكسىز  نىمەت  ۋە رىزق بەرگۇچى جانابى اللە  : بۇ دۇنيادا QsEh U  
جانلىقلار ئىچىدە ئىنساننى ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ قابىلىيەتلىك قىلىپ ياراتقان . ئەقلى  تەپەككۇرىمىزنى ئىشقا سىلىپ نەزەر سالدىغان بولساق ،ھىچ شەك شۇبھىسىزكى جانابى اللە نىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى  چۈشۈنۈپ ئۆز ھىكمەتلىرىنى بىلەلەيمىز .  ئىنسان  تۇغۇلۇپ  ئاتا -ئانىمىزنىڭ تەربىيلىشىدە  چوڭ بولۇپ ، بالىلىق ،ئۆسمۈرلۈك ، دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويىمىز . بۇ ۋاقىت ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ جۇشقۇنلۇق دەۋرى ياشلىق چاغلىرىدۇر . uhS 54UFu\  
بۇ دەۋىر  ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز جانابى اللە نىڭ  بىزگە سۇنغان ئەڭ چوڭ نىمەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ ، بۇنىڭ قىممىتىنى بىلىش ،بۇ ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويۇش ئەڭ چوڭ پۇشايمانغا قىلىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ .  بۇ ھەقتە : ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ  بىز ياشلارغا شۇنداق تەۋسىيەلەردە بولغان (( قىرىلىق يىتىشتىن بۇرۇن ، ياشلىقنىڭ  قەدرىنى بىلىڭلار )  بۇ  دەۋرىمىزگە ئىبادەت نەزىرىمىزدىن قارغان ۋاختىمىزدا ، بۇ ۋاقىتتا قىلىنغان ئىبادەت ، ۋە  قىلغان ساۋاپلىق ئىشلار ، ئىلىم ئۈگۈنۈش ، باشقا  دەۋىرلەرگە قارغاندا پۈتۈنلەي پەرقلىق . ھەم ئوخشاش بولىشى مۈمكىنمۇ ئەمەس . دۇنيا نەزىرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاختىمىزدا ، ئەۋلاتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى  بىخەتەر كاپالەتكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن غەيرەت قىلۋاتقان مىللەتلەر  ياشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە ،ئۆز مەدىنىيتى ، تارىخى ، سەنئىتىنى ئۈگۈتۈشكە كۈچ سەرپ قىلماقتا . ياشلار  ساغلام بىر جەمىيەتنىڭ ۋە ئۆز  مىللىتىنىڭ داۋام ئەتتۈگۈچى  مۇھىم شەخىسلىرىدۇر . بىر مىللەتنىڭ  قانچىلىك ساغلام  ۋە پاكىز بولۇشى  شۈمىللەتنىڭ  جەمىيەتتە  يۈرۋاتقان ياشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك . |n{=?.4-d  
ev;NM@jPp  
قىممەتلىك  ياش ئوغۇل-قىزلار dr-qCK6@c  
ياشلىق  مىللەتنىڭ كەلگۈسى ، ھازىر  خەلىق  مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ياشاۋاتقان  مۇشۇ ماددى ۋە مەنىۋى  پۈتۈن نەرسىلىرىمىزنى  بىزنىڭ ئارقىمىزدىكى  ئىنىلىرىمىز ،سىڭىللىرىمىزگە ، سۆيۈملۈك پەرزەنتىلىرىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كىتىمىز .  ۋاقىت قىممەتلىك  بىز  كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا ، كەلگۈسى ياشلىرىمىزغا  ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن  ساغلام بولغان  گۈزەل بىر مۇھىت ، گۈزەل بىر دۇنيا مىراس قالدۇرايلى . ئىتىقاتلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلالايدىغان ، مىللى ئىرادە  مەنىۋى ھىس تۇيغۇلارغا باي ، ۋەتىنىگە ، مىللىتگە تەلپۇندىغان ياشلاردىن بولۇپ ئۈلگە بولىشىمىز لازىم .  تارىخ بەتلىرىنى ئوقۇپ باقساق  باشتا  ئسلام دىنىمىزنىڭ كىڭىيشىدە  ۋە قەلبىمىزدە ئورۇن ئىلىشىداكۆپلىگەن ياشلارنىڭ كۆرسەتكەن پىداكىرانە روھىنى كۆرۋالالايمىز . P-s>hF :#  
قىممەتلىك  ياش ئوغۇل-قىزلار IJ([o"?qw  
ئۇلۇغ دىنىمىز ئسلام، ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك ۋە خاتىرجەم ئۆتىشىگە ۋاستە بولغان نەرسىلەرنى بۇيرىغان. خەتەرلىك ۋە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى چەكلىگەن ياكى توسقان. يەنە ياراتقۇچىمىز جانابى ئاللاھ ، قۇرئان كەرىمدە« ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى خەتەرلىككە ئاتماسلىقنى، ئۆزلىرىگە زەرەر بىرىدىغان نەرسىلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى بۇيرىغان.» (سۇرە بەقەرە 195.ئايەت) . ^#3TaH N8o  
شۇنداق تىنىچ خاتىرجەم ياشاۋاتقان تۇرمۇشىمىزغا قەيەردىن، كىملەر تەرىپىدىن سوقۇلۇپ كىرگۈزىلگەن زەھەرلىك ئىچىملىكلەر ۋە چىكىملىكلەرنىڭ ئىستىمال قىلىش نىسبىتى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، مىللىتىمىز ئۇيغۇر خەلقى ۋە مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئىلىپ بارماقتا. f5vpN5y  
بىر قىتىملىقىغا نىمە بولىدۇ دەپ باشلاپ قىلىپ، ئىنسانى قايتىشى قىيىن بولغان بىر يولغا باشلاپ كىرگەن زەھەرلىك ماددىلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سىلىپ ياشلىرىمىزنىڭ مىڭىسىنى ئايلاندۇرۇپ جەمىيەتىمىزگە خاتىرجەمسىزلىك ۋە جىنايەت، ھەرخىل تۈردىكى يامان ئىشلارغا دۇچار قىلماقتا. V{#3xUTu9B  
زەھەرلىك ماددىلار، جانابى ھەقنىڭ ئىنسانلارغا بەخىش ئەتكەن ۋە ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىلاردىن بىرى بولغان ئەقىل-پىكىرنى ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋاللارغا ئەكىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقىل-قابىلىيىتىنى بۇزۇپ، بەدەن ۋە رۇھى سالامەتلىك بىلەن بىرگە ئىنساننىڭ ئۆزىدە تۇغۇلۇشىتىن بىرى بولغان تەبىئى خىسلەتلىرىنى ۋە گۈزەللىكلەرىنى يوق قىلماقتا. bIcR3cJ&  
زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئىچىملىكنى قوللۇنىشنىڭ ناھايىتى كۆپ سەۋەپلىرى بار، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە: ياشلىرىمىزدىكى مەنىۋى بوشلۇق، تەلىم-تەربىيەنىڭ كەمچىللىكى، ئىتىقات ئاجىزلىقى، ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىق بولمىغانلىقى، ياشلارنىڭ مىڭىسىنى زەھەرلەيدىغان شەھۋانى مەتبۇئاتلار، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، ئەتراپىدىكى دوستلارىنى ياخشى تاللىيالماسلىقى قاتارلىقلار ،  بۇلارنىڭ يامان تەسىرى ياشلىرىمىزنى زەھەرلىك ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چىكىملىك پاتقىىقىغا كىرگۈزگەن باشلانغۇچ سەۋەپلىرىدىن بىرىسى. 6r*z,?%  
بىز بىر جەمىيەت بولۇش سۈپىتىمىز  بىلەن بۇ ھەقتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز ، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دىمەي ئومۇمى بىر مىللەتنىڭ تەغدىرى ۋە كىلەچىكى دەپ ھەربىر ئۇيغۇرغا چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلىشىمىز لازىم Z8Eb^h>  
C4c},  
قىممەتلىك  ياش  ئوغۇل-قىز دوسلىرىمىز  ! sYu]#eBWv  
ئەر بولغۇچى  ئۆينىڭ تۈۋرىكى ،ئەگەر ئوينىڭ ئۈستىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى تۈۋرۈك مۇستەھكەم بولمىسا ئۆيمۇ ساغلام بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىللەتنىڭ ئاتىسى ،مىللەتنىڭ ئاساسى بولغان ئەرلىرىمىز ، ئوزىمىزنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىمىزنى ساقلاپ  مىللىتىمىزنىڭ  يىرمى ، مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى بولغان ،ۋە بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان  قىزلىرىمىزغا ئىگە چىقايلى . ھەر قانداق ئىش ئىككى تەرەپلىمىلىك بولىدۇ . ھەر ۋاقىت بىر تەرەپلىمىلىك بولماي ئادىل ھەق بولىشىمىز . ئادالەتلىك بولىشىمىز لازىم . ھىچ بىرىمىز  ئەتىمىزدىن ۋەدە بىرەلمەيمىز . بۈگۈنكى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆرەۋاتقان بەزى كۆرنۈشلەرگە ، مەن ۋە مىنىڭ ئائىلەم  يولۇقمايدۇ دىيەلمەيمىز . بىز بىر مىللەت  بىر خەلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ، بىرلىك ئىناقلىقنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم . +Qdfn -Jm5  
{oO[\2=5  
قىممەتلىك  ياش  ئوغۇل-قىز دوسلىرىمىز  ! |uz7$_[HU  
ھەر ئىجتىمائى مەۋجۇدىيەت ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىدىن بارلىققا كىلىدۇ. ئەر ياكى ئايال يالغۇز ھالدا، ھىچ قانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەقەت ئەر بىلەن ئايال بىرلىكتە يىڭىلمەس كۈچ تەشكىل قىلالايدۇ. Th$fIb}a  
ئەرلەر ئاياللىرى بىلەن تىخىمۇ باھادىر، تىخىمۇ پەزىلەتلىك، ۋە تىخىمۇ ئەقىللىق كۆرنىدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلىرى بىلەن تىخىمۇ مەرتىۋىلىك، تىخىمۇ ئەدەپلىك، ۋە تىخىمۇ جانغا يىقىن كۆرنىدۇ. ھەر بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا مۇتلەق بىر ئايال بار. ئەگەر ئۇ ئايال، ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك يارىدەملەرنى قىلمىغان بولسا، ئۇ مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرشى ناتايىن. Iv%;+*^5  
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ئەر بىلەن ئايالنى بىر بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. #c,!&j=fZp  
&ssk}6%  
ئەمدى كۈنىمىزگە قارايدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسدىكى ئانىلارى بولدىغان ياش قىزلىرىمىز ئويۇن-تاماشادىن بىشىنى كۆتۈرەلمەي يۈرۈشمەكتە. بۇ مۇناسىبەت بىلەن بەزى بىر قىزلىرىمىزغا شۇ كۆڭۈل سۆزۈمنى دىمەكچى: `: L>b  
ZzQd E_82  
ئەي! مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىلىرى، ئەي! ئۇيغۇر قىزى، دۇنيانى تىترەتكەن،ئاتىللالار، ئالىپ ئارسىلانلار، ئوغۇزخانلار، ساتۇق بۇغراخانلار يىڭىلمەس كۈچلىرىنى سىزنىڭ ئانا قۇچاغىڭىزدىن ئالمىدىمۇ؟ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋايى ۋە فارابىلارنى سىز تۇغمىدىڭىزمۇ؟ ۋە ئۇلار سىزنىڭ ئەمدۈرگەن ئاق سۈتىڭىزنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بىرەر پارلاق يۇلتۇزى بولمىدىمۇ؟ سىز ھەر زامان ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلارغا قۇچاق ئىچىپ مىھرىڭىز بىلەن بىاغرىڭىزغا باسمىدىڭىزمۇ؟ 0kOwhK{  
o3MG[Aw  
ئەي! ئۇيغۇر قىزى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى قەھرىمانلىق داستانلارنى ئۇنۇتىڭىزمۇ؟ قەھرىمان مىللى ئارمىيىنىڭ جەڭچىلىرىگە شەپقەت ھەمشىرىسى بولمىدىڭىزمۇ؟ مۆلدۈردەك ئىتىلىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، جەڭگاھلاردا ياردار جەڭچىلەرگە ياردەم قولىڭىزنى ئۇزاتمىدىڭىزمۇ؟ ~aq`k   
}r77rAOO  
ئەي! ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىدەسىزنىڭ روھىڭىز بارلىقىنى بىلمەيۋاتامسىز؟ دۇنيانىڭ ئەڭ نەپىس سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «تاج-مەھەل مەقبەرىسى» سىزنىڭ ئىچىڭىزدىن بىرلىرى ئۈچۈن ياسالمىدىمۇ؟ فۇزۇلى ۋە ناۋايىلارنىڭ شىئىرلىرىدە ئۆزىڭىزنى كۆرمەيۋاتامسىز ؟ u=mvsUzX3D  
[ymL9I#z+  
ئەي! ئۇيغۇر قىزى، ئەتەڭ بەخىتلىك ۋە پارلاق بولسۇن. بىز سىنىڭ ئىتىقاتىڭغا، سىنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىڭغا، سىنىڭ پەزىلەتلىك ئەخلاقىڭغا، ۋە سىنىڭ ياردىمىڭغا مۇھتاچ. سەن خالىساڭ ھەرقانداق ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. چۈنكى سىنىڭ تومۇرىڭدا ئىقىۋاتقان قان ئۇيغۇر قانىدۇر...................

2 comments:

Anonymous said...

[url=http://www.freewebs.com/esomeprazole]nexium mups 20 mg festbetrag
[/url]maximum safe dosage nexium
nexium purple pill card
nexium hp dosage
nexium tablets ibs
valor do nexium 20mg

Anonymous said...

[url=http://www.microgiving.com/profile/ribavirin]ribavirin online
[/url] order copegus
virazole 100 mg
order ribavirin online